1 窃读记 小学语文 人教2001课标版
بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى
بىلىم نىشانى: تېكست ئىچىدىكى ئاچقۇچ جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش. مۇھىم جۈملىلەر ئاساسىدا گوركىينىڭ خارەكتى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىۋېلىش.
ئىقتىدار نىشانى: ئۆزى بىلەن گوركىينىڭ كىتاب ئۇقۇش ئگىۋالىنى بېرىلگەن جەدىۋەل ئاساسىدا سېلىشتۇرۇپ جەدىۋەلنى تولدۇرۇش. تېكست ئىچىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنە تېپىپ، تېكست ئىچىدىكى رولىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولۇش. كىتاب توغرىسىدا ماقال –تەمسىل توپلاش.
جەريان ۋە ئۇسۇل
ئاچقۇچ جۈلىلەرنى ھېسياتلىق ئوقۇتۇش، تەھلىل قىلدۇرۇش، ئۆز ئەمەلىيىتى ئاساسىدا جەدىۋەلنى تولدۇرۇش،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارنى تېپىش،ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىش.
ھېسيات-پوزۇتسىيە ۋە قىممەت قاراش
گوركىينىڭ بىلىم ئېلىشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، گوركىينىڭ كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلاردا كىتاپ ئوقۇش روھى تۇرغۇزۇش.
مۇھىم نۇقتا : 1. گوركىينىڭ كىتاب ئۇقۇش قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىش.
2. گوركىينىڭ كىتاب ئوقۇش مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنلىكىنى بىلىۋېلىش.
قىيىن نۇقتا: ئوقۇغۇچىلارنى گوركىي بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ جەدىۋەلنى تولدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى گوركىينىڭ كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەن بۇروھىدىن ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
ىرىنچى، يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
( ئۆزۈم تەييارلىغان تېپىشماق ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن.)
قېنى كىم تۆۋەندىكى تېپىشماقنى تاپالايدۇ؟
1. ئىلىم-ھېكمەت بېغىغا ، 2. تارتساڭ ئۇنى ئۆزۈڭگە،
باشلاپ كىرەر سېنى ئۇ. ئەڭ ۋاپادار دوستۇڭ ئۇ.
گويا يورۇق مەشئەلدەك، تىرىشقانغا، ئىشچانغا
يولۇڭغا نۇر بېرەر . ئەڭ تەلەپچان ئۇستاز ئۇ.
3.ھەربىر يۈزى قات-قېتى، ئەڭ بىباھا گۆھىرى
ئەقىل-بىلىم جەۋھىرى. تېپىڭلارچۇ ئۇ نېمە؟
بايلىقم كانلار ئىچىدە پاراسەتنىڭ مۆھۈرى.
قېنى، قاسىڭلار بۇ تېپىشماقنى تېز سۈرئەتتە تاپالايسىلەر؟
نېمې ئچۈن بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى كىتاب دەپ قارىدىڭىز؟
شۇنداق بىر كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بىر كىشى ئۆتكەن، ئۇنداقتا بىز بۇ سائەتتە يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدۇ بۇ كىشىنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈن،
شۇنداق چوڭ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنلىكىنى چۈشىنىپ باقايلى.
ئىككىنچى، نىشاننىڭ ئەمەلىلىشىش باسقۇچى.
1. ئاچقۇچلۇق جۇملىلەرنى تەھلىل قىلدۇرۇپ، گوركىينىڭ كىتاب ئوقۇش روھىنى ھءس قىلدۇرۇش.
بىز ئالدىنقى سائەتتە، تكىستنى ئوقۇپ چۉشىنىش ئاساسىدا گوركىي توعرىسىدا دەسلەپكى چۉشەنچىگە ئىگە بولدۇق. بۇ سائەتتە گوركىينىڭ حارەكتىرىنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا گوركىي توعرىسىدا تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ باقايلى.
1>. ئەتىدىن كەچكىچە خوجايىننىڭكىدە يەر سۈپۈرۈش، ئۈستەللەرنى سۈرتۈش، بالا بېقىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغاچقا ھېرىپ ھېچ ھالى قالمايتتى، شۇنداقتىمۇ ئۆگىنىشنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماي، باشقىلاردىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتتى؟
يۇقۇرىقى جۈملىدىن گوركىينىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىڭىز؟ ئۆزىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ.
( گوركىينىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناھايىتى ناچار ئىكەن. گوركىينىڭ كىتاب ئوقۇغۇسى بولسىمۇ، كىتاب ئېلىپ ئوقۇشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.)
2). بىر ئاخشىمى سىزمىچىنىڭ ئۆيىدىكىلەر سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كېتىدۇ. گوركىي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، شامنى ياندۇرۇپ، ئاشخانىغا كىرىپ كىتاب ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئۇ كىتابقا بېرىلىپلا كەتكەنلىكتىن، ئىشىك قوڭغۇرۇقى بىر نەچچە قېتىم چىرىڭلىغاندىلا، ئېسىگە كېلىپ، خوجايىننىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە كىتابنى ئالدىراپ-تېنەپ يوشۇرۇپ قويۇپ، ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ.
ئوقۇتقۇچى: يۇقۇرىقى جۈملىنى قېنى قايسى ساۋاقداش ھېسياتلىق ئوقۇپ بېرەلەيدۇ؟
( ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىغا ھېسياتلىق ئوقۇتىلىدى. ئوقۇش ئەھۋالى باھالىنىدۇ. )
سۇئال: سىزمىچىنىڭ ئۆيىدىكىلەر سىرتقا چىقىپ كەتكەندە گركىي نېمە ئۈچۈن شۇنچە خۇشال بولۇپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا قوڭغۇراق بىرنەچچە قېتىم جىرىڭلىغاندىلا ئېسىگە كېلىدۇ؟ بۇ جۈملىلەردىن سىز گوركىينىڭ قانداق روھىنى بىلىۋالدىڭىز؟
ئوقۇغۇچى: مەن بۇ جۈملىدىن گوركىينىڭ ناھايىتى تىرىشچان، ئازراق پۇرسەتنىمۇ قولدىن بەرمەيدىغان، كىتاب خۇمار بالا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم.
3 ). ھەممەيلەن ئۇيقۇغا كەتكەندە كەتكەندە، ئۇ ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇرۇپ ، دېرىزە ئالدىغا كېلىپ كىتاب كۆرىدۇ. كېچە سۈتتەك ئايدىڭ بولسىمۇ، كىتابتىكى خەتلەر بەك ئوششاق بولغاچقا، زورۇقۇپ كۆرگەنلىكتىن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئارىپ كېتىدۇ.
( قىزلار كوللىتىپى يۇقۇرىقى جۈملىنى ھېسياتلىق ئوقۇپ چىقىدۇ.)
ئوقۇتقۇچى: گوركىي نېمىشقا ئاي يورۇقىدا كىتاب ئۇقۇيدۇ؟ بۇنىڭدىن گوركىينىڭ قانداق روھىنى بىلىۋالدىڭىز؟
ئوقۇغۇچى: گوركىي چىراق بولمىغاچقا ئاي يورۇقىدا كىتاب ئوقۇغان. بىز بۇنىڭدىن ئۇنىڭ جاپانى يېڭىپ كىتاب ئوقۇش روھىنى بىلىۋالدۇق.
ئوقۇتقۇچى: يۇقۇرىقى جۈملىدە ئاپتور قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوللانغان؟
( ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھېس قىلغانلىرى ئاساسىدا سۆزلەيدۇ.)
5). ئۇ خوجايىننىڭ ئۆيىدە شامدىن ئېقىپ چۈشكەن تامچىلارنى كونسېرۋا قۇرىسىغا يىغىپ پاختىدىن پىلىك ئىشىپ، ئۇنى قىراغ قىلىدۇ. كەچ قۇرۇنلۇقى بۇ چىراغنىڭ يورۇقىدا كىتاب ئوقۇيدۇ.
ئوقۇتقۇچى: يۇقۇرىقى جۈملىنى كىم ھېسياتلىق ئوقۇپ بېرىدۇ؟ قايسى جۈملىدىن گوركىينىڭ بوشاشماس روھىنى بىلىۋالدىڭىز؟
ئوقۇغۇچى: يۇقۇرىقى جۇملىلەر ئارقىق بىز گوركىينىڭ بوشاشماس، ئامال- چارە تېپىشقا ماھىرلىقىنى ،ئەقىللىقلىقىنى بىلىۋالدۇق.
6). موماي ئىشنىڭ تېگى- تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، گوركىينى بىر تال يېرىندى بىلەن راسا ساۋايدۇ، گوركىينىڭ دۈمبۈسى كۈپتەك ئىشىپ كېتىدۇ.گوركىي ئەسلىدە موماي ئۈستىدىن ئەرز قىلسا بولاتتى ،لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشى خوجايىنلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
( يۇقۇرىقى جۈملە كوللېكتىپ ھېسياتلىق ئوقۇتىلىدۇ.)
ئوقۇتقۇچى: سىز بۇ پارچىدىن نېمىنى بىلىۋالدىڭىز؟
ئوقۇغۇچى: بىز گوركىينىڭ كىتاب ئوقۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،ھەرقانداق ناھەقچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىدىغان روھىنى بىلىۋالدۇق.
( يۇقۇرىقى جۈملىدە ئاپتور قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن پايدىلانغان؟)
سىزگە گوركىينىڭ قايسى ئىشلىرى بەك تەسىر قىلدى؟ ئۆزىڭىز بىلەن گوركىينى بىر سېلىشتۇرۇپ باقامسىز؟
2. كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە ئوقۇتقۇچى لايىھىلىگەن جەدىۋەلنى تولدۇرۇڭ. ( ئوقۇغۇچىلار كىچىك ەۇرپىلار بويىچە ھەمكارلىشىپ تولدۇرىدۇ.)
ھەر بىر كىچىك گۇرپىدىن ۋەكىل چىقىپ، دوكلات قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگىنى ئاساسىدا، ىۇلاسە قىلىش بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىدۇ.
مۇستەھكەملەش مەشىقى
دەپتىرىڭلارنى ئېلىپ كىتاب توغرىدىكى ماقال-تەمسىلدىن يېزىىڭلار . قېنى كىم ئەڭ كۆپ يازالايدىكىن؟
ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ھاقى ئەھمەد كولتېگىننىڭ " كىتاب " دېگەن شېئىرىنى ـېسياتلىق دېكلىماتسىيە قىلىپ بېرىدۇ.
تاپشۇرۇق
ئۆيىڭىزدىكى كىتابلارنى تۈرلەر بويىچە تىزىملاپ كېلىڭ.